ئۇيغۇر ئېلىدە، جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەر كۆپەيمەكتە

22 ‏- يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئېغىر بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سانلىق ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2005 ‏- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ياش ئۆسمۈر بالىلارنىڭ نىسبىتى 2000 ‏- يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا، 20% ئۆرلىگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆي ماكانسىز يۈرگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى 2000 ‏- يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى "ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەرگەردان بالىلار ھەقىقەتەن كۆپەيمەكتە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يوق قىلىش ئارقىلىق، نامرات ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان " دەپ تەكىتلەپ، "ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر پەرزەتلىرىدىنمۇ كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندا، زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقانلىقتىن، جامائەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىمۇ جىنايى ئىشلارغا ئائىت دېلولىرىدا، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاساسى ئورۇنغا قويغان" دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە " خىتاي ھۆكۈمىتى 'قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىشلىرىغا سالماقتا' دەپ بىلجىرىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي بېسىملار تۈپەيلىدىن، تۈرلۈك كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار كىچىكىدىن ئەركىنلىككە تەشنا بولماقتا" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)