خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسى قۇرۇلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دېلو ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئىشخانا ئىلگىرىكى تەربىيىۋى خىزمەت قىلىش ئىشخانىسى بىلەن پەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بۇندىن كېيىن مەخسۇس ئۆسمۈرلەرگە ئائىت دېلولارنى بېجىرىش ئىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە مەخسۇس ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ دېلو ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى ياكى ئورگىنى قۇرۇلۇش كېرەك " دەپ بېكىتىلگەن.
قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ياش قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ دېلو ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇشىدىكى سەۋەب، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆسمۈرلەرگە ئائىت جىنايى ئىشلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنى سۆز، ھەرىكەت جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنى يېقىندىن كۆزىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. (مېھرىبان)
