خىتاي جىنايى قاچقۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇۋا قىلماقتا
2006.09.27
ئۈرۈمچى تومۇر يول جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ يىل باشلىنىپ 9 - ئايغىچە قاچاقتىكى ئېغىر جىنايەتكارلاردىن 231 نەپەرنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، كىشىنى چۆچىتىدىغىنى ئۇلارنىڭ 208 نەپىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىققا ئوخشاش ئېغىر جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەن خىتاي جىنايەتچىلەر ئىكەن.
تۆمۈر يول ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلى شىنخۇا مۇخبىرىغا "بىز خىتاي ئۆلكىلىرىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر ئېلىگە قېچىپ كېلىۋاتقان جىنايەتچىلەردىن جىق بولغاندا كۈنىگە تۆتنى تۇتىمىز، قولغا ئالغان جىنايەتچىلەرنىڭ 90% نى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەن قاچاقتىكى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئىگىلەيدۇ، ئۇيغۇر ئېلىگە قېچىپ كەلگەن ھەر بىر جىنايەتچى خۇددى پارتلاتقۇچ بومبا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قايتا جىنايەت سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك" دېگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بارلىق جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق جىنايەت سادىر قىلىپ قاچقانلارنى تۇتۇش تورىنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى جىنايەتچىلەر يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يىراق، يېرى كەڭ، قاتناش قولايسىز يۇشۇرۇنۇشقا ئەڭ ئەپلىك جاي دەپ، قانۇن تورىغا چۈشمەسلىك ئۈچۈن قېچىپ كېلىدىكەن.
توققۇز ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە قېچىپ كەلگەن جىنايەتچىلەردىن تۇتۇلغانلىرى 151 نەپەر بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى گەنسۇ، خېنەن، سىچۇەن، جياڭسۇ، شەنشى قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ، 15 ئى ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، باشقىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەن بولۇپ، بەزى جىنايەتچىلەرنىڭ قېچىپ يۈرگىنىگە ھەتتا 13 يىل بولغان. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى "شىنجاڭ" غا ياردەم بېرىشمۇ؟
- بۇ يىل ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىمتىھان بېرىشكە كەلگەن 193 نەپەر ساختا سالاھىيەتتىكى ئوقۇغۇچى بايقالدى
- مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۇيغۇر ئېلىگە پالانغان خىتايلار شاڭخەيدە نامايىش قىلدى
- ئۈرۈمچىدە خىتاي ئىشلەمچىلەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا قوبۇل قىلىنماقتا
- 200 گە يېقىن خىتاي ياللانما ئىشچى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلدى