ئامېرىكىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى


2005-11-13
Share

1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى سابىت داموللام باشچىلىقىدا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى ئەلىخان تۆرە يېتەكچىلىكىدە غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلمەس ئەنئەنە سۈپىتىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش بۇ جايلاردىمۇ ئەنئەنىگە ئايلانماقتا.

بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۆتكۈزدى.

12-13-نويابىر كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ۋىرگىنىيا، مارىيلەند شىتاتلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇر جامائىتىمۇ داغدۇغۇلۇق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ قايتا قولغا كېلىشىگە بولغان ئىشەنچىلىرىنى ئاشۇردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ھەر يىلى 12-نويابىرنى خاتىرىلىمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت