گوللاندىيە ۋە ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى


2007-11-13
Share

1933 - يىلى قەشقەردە ۋە 1944 - يىلى غۇلجىدا ئوخشاشلا 12 - نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىي دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە تۈرلۈك شەكىللەردە تەبرىكلەپ كەلمەكتە.

گوللاندىيە ۋە ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىلقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

11 - نويابىر گوللاندىيىنىڭ تىلبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى جۇمھۇرىيەت مارشى بىلەن باشلاندى، پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ھەمدە تۈركلەر قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن قان كەچكەن جەڭچىلەر ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۈچۈن قۇربان بولغان شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. جۇمھۇرىيەتلەرگە ئائىت سۈرەتلەر كۆرگەزمە قىلىنىپ نۇتۇقلار سۆزلەندى، ئاخىرىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا سۇنغان مۇراجىتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئۇيغۇر ۋەتەنداشلار زور ئالقىش ياڭرىتىپ قوللىشىنى ئىپادىلىدى. بۇ بىر كۈننى ھەممە بىردەك بايرام تەنتەنىسىدە ئۆتكۈزگەن.

گوللاندىيىدە يەنە ، شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر بالىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپى رەسمىي دەرس باشلىدى.

ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 10 - نويابىر ئادىلەيد شەھىرىدىكى ئېلدېر باغچىسىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مىللىي كىيىملىرىنى كىيىۋالغان ئىككى يۈزگە يېقىن ئۇيغۇرلار ئىستىقلال مارشىنى جاراڭلىق ھالدا بىرلىكتە ياڭرىتىپ باغچىنى زىل ‏- زىلىگە سالغان شۇنداقلا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كۆزلىرىگە ھاياجان بىلەن ياش ئالغان. پائالىيەت داۋامىدا جامائەت ئوخشاشلا، شېھىدلەر ئۈچۈن دۇئا تىلاۋەت قىلغاندىن باشقا جۇمھۇرىيەت تارىخى ھەم ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمىلەر قاتناشتۇرغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ھەم ھازىرى چۈشەندۈرۈلگەن سۆرەتلىك ئېلانلار، مەزىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى باغچا ئىچىدىكى يەرلىك ئاممىنىمۇ جەلپ قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بايرىمىنى ئۇلارمۇ بىللە تەبرىكلىشىپ، پۈتۈن باغچا داغدۇغىلىق بايرام شادلىقىغا چۆمگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت