ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك كۆمۈر كانلارنىڭ ھەممىسى تاقىلىدۇ


2005.03.15

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كۆمۈر كان دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك كۆمۈر كانلارنى تاقاشنى قارار قىلغان. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رايوندىكى يىللىق كۆمۈر ئىشلەپقىرىش ئىقتىدارى 90 مىڭ توننىغا يەتمەيدىغان بارلىق كۆمۈر كانلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كۆمۈر كان ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇرىي دائىرىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 483 كۆمۈر كاننىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى كۆمۈر كانلاردا كۆمۈر قېزىش تېخنىكىسى قالاق، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۆلچەمگە يەتمەيدىكەن. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، قالغان 430 ئەتراپىدىكى كۆمۈر كاننىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرى يېڭىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە جەمئىي 800 دىن ئارتۇق كۆمۈر كان تاقىۋېتىلگەن. دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2004 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 42 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ھەر بىر مىليون تونا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 3 ئادەم ئۆلگەن . 2004 - يىلى خىتاي بويىچە 3639 قېتىم كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقىرىقى ۋەقەلەردە ئۆلگەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، بۇ ئاينىڭ باشلىرى ھۆكۈمەتنىڭ كۆمۈر كانلاردىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 3 مىليارد يۈئەن ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.