ئۇيغۇر ئېلىدە 129 كان قۇدۇقى قايتا رەتكە سېلىنماقچى


2005.09.04

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كانلارنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئېغىر دەرىجىدە بىخەتەرلىك ئامىللىرى ساقلىنىۋاتقان 65 كان قۇدۇقىنى تاقىۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 129 كان قۇدۇقىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ رەتكە سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىم تاقتىۋېتىلگەن 65 كان قۇدۇقىنىڭ ئىجازەتنامىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 500 مىڭ توننا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە كان ھادىسىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشى سەۋەبىدىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ يىل 25 - ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 521 كۆمۈر كان ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، قانۇندا بېكىتىلگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە توشمىغان بۇ 129 كۆمۈر كاننى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ رەتكە سېلىشنى قارار قىلغان.

گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم كانلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىغىنى بايقاپ، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاشقا بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كانلارنىڭ بۇيرۇققا رىئايە قىلماستىن، يەنىلا ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللۇنۇش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلگەن ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.