ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 194 كۆمۈر كاننى تاقاپ تەرتىپكە سالماقچى


2005.10.06

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيىسىدىكى ياتۇر كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك كان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كان باشقۇرۇش دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 194 كاننى تاقاپ تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياتۇر كۆمۈر كېنىدا سەيشەنبە كۈنى گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. كان پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە مەلۇمات بەرمىدى. بۇ ۋەقە، خىتايدىكى ئاساسلىق كۆمۈر كان بازىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر كانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلەرنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، مەملىكەت بويىچە بىخەتەرلىكتە مەسىلە كۆرۈلگەن كانلارنى تەكشۈرۈپ تاقاشنى بۇيرىغان بولسىمۇ، بىراق، خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ جىددىي ئېشىشى، نۇرغۇن كۆمۈر كان ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەت قوغلىشىپ، خەتەرلىك كۆمۈر كانلارنى داۋاملىق ئېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. كان ۋەقەلىرىمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەي يۈز بەرمەكتە.

چارشەنبە كۈنى سىچۈئەننىڭ لوڭتەن كۆمۈر كانىدا يۈز بەرگەن كاننى سۇ بېسىپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 12 گە يەتكەن بولۇپ، كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان يەنە 16 ئىشچىنىڭ ئۆلۈك- تىرىكلىكى تېخى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.