ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلىرىغا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇددىتىنى كېچىكتۈردى


2005.10.14

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دائىرىلەر، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 22 - سېنتەبىرگىچە كۆمۈر كانلىرىغا سالغان مەبلەغ ۋە پاي چېكىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇقتۇرۇشىغا ھېچكىم ئەمەل قىلمىغاندىن كېيىن، مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش مۇددىتىنى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە كېچىكتۈرگەن.

"تەڭرىتاغ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنتى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن 22 - سېنتەبىرگىچە كۆمۈر كانلىرىغا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغاندىن بېرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىرغا قەدەر مەبلىغىنى قايتۇرىۋالغان بىرمۇ ئەمەلدار چىقمىغان.

ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى، دائىرىلەرنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە تەكشۈرەش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ئورگاننىڭ تەكىتلىشىچە، "ئەمەلدارلار بىلەن كۆمۈر كانلار تىل بىرىكتۈرۈش" ۋەقەسىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار ئىكەن. بىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئورگانلىرىدىكى ئەمەلدارلار كۆمۈر كانلىرىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، مەنپەئەت گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرۈش، ئىككىنچىسى پاي چېكىنى پارا ئورنىدا قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار.

" تەڭرىتاغ" تور بېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، فۇكاڭ ناھىيىسىدىكى شىنلوڭ كۆمۈر كېنىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 187 گە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر كاندا بۇ يىل 8 - ئايدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە 83 ئادەم ئۆلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.