ئۇيغۇر رايونى پارتكوم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كانلاردىكى پايلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى


2005.10.21

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلاردىكى پاي چەكلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتايدا ئەۋج ئالغان "ئەمەلدارلار ۋە كۆمۈر كانلار تىل بىرىكتۈرۈش" ئەھۋاللىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، كۆمۈر كانغا مەبلەغ سالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى 22 - سېنتەبىرگىچە پايچېكىنى سېتىۋېتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن ئىدى. بۇ، كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاشنىڭ بىر تەدبىرى دەپ قارالغان.

ئەمما ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان "جۇڭگو گېزىتى" ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق "تەڭرىتاغ تور بېتى" قاتارلىق مەتبۇئاتلار ئۆتكەن ئايدا، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ تاشلىنىشقا رازىكى، پاي چېكىنى سېتىۋېتىشقا رازى ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلغان.

تەڭرىتاغ تور بېتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە يەنە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلىرىغا سالغان مەبلەغ ۋە پاي چېكىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ياخشى بولمىغانلىقتىن، مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش مۇددىتىنى 22 - ئۆكتەبىرگىچە كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايۇنىغا مەبلىغىنى قايتۇرىۋالىدىغان بىرمۇ ئەمەلدار چىقمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خەۋەرلەر جەمئىيەتتە ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلغاچقا، ئۇلار بايانات ئېلان قىلىپ قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئوقتۇرۇشىنىڭ ۋاقىت، تەرتىپ جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىكەن. ئۇلار يەنە بۇ خىل "ئويدۇرما" خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇخبىرلارنىڭ مەسئولىيىنى سۈرۈشتىرە قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ نىمە ئۈچۈن كادىرلارنىڭ پاي چەكلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇددىتىنى 22 - سېنتەبىردىن 22 - ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.

"ئەمەلدار بىلەن كۆمۈر كانلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈش" ئەھۋالى، خىتايدا بىخەتەرلىكى ناچار كۆمۈر كانلارنىڭ داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كان ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 8 - ئايدا 83 ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى كېلىپ چىققان فۇكاڭ ناھىيىسىدىكى شىنلوڭ كۆمۈر كېنىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغان ئەمەلدارلارنىڭ سانى 187 گە يېتىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.