شىخۇدا يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىدە 16 ئادەم ئۆلدى


2005.10.28

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىخۇ ناھىيىسىدىكى جوڭشىن كۆمۈر كېنىدا پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، كان ئاستىدا قالغان 16 نەپەر ئىشچىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىخۇ ھۆكۈمەتلىك ئىشخانىسىنىڭ دىژۇرنىسى مەزكۇر كۆمۈركاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كىچىك كۆمۈركان ئىكەنلىكىنى، كان ئاستىدا قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە كۆمۈر زاپىسى ئەڭ كۆپ رايون. شىخۇدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 3 - چوڭ كۆمۈر كان قازاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 8 - ئايدا فوكاڭدىكى لىنلوڭ كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە 83 ئادەم ئۆلگەن.

ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدىكى كۆمۈر كان قازاسىدا 14 ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكى جاكارلانغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى 6 مىڭ ئادەم كۆمۈركان قازالىرىدا ئۆلىدىكەن.

بۇ ئارىدا ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى دائىرىلەر، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ شياۋلوڭنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ليۇ شياۋلوڭ، شىنلوڭ كۆمۈركېنىنىڭ خوجايىنىدىن پارا ئېلىش، كۆمۈرچىلىك تىجارىتىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

"جوڭگو ياشلىرى" ليۇنىڭ 2002 - يىلدىن بېرى شېنلوڭ كۆمۈر كېنىدىن 160 مىڭ يۈئەن پارا ئالغانلىقىنى يازدى. ليۇ شياۋلوڭ بىلەن بىرگە شىنلوڭ كۆمۈر كېنىنىڭ خوجايىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 ئادەم قولغا ئېلىنغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.