كۆمۈركان قازاسىدا ئۆلگەن خىتاي ئىشچىلارغا تۆلەم پۇل بېرىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى بېيتاشەن كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن 11 نەپەر خىتاي كان ئىشچىسىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىغا 200 مىڭ يۇئەندىن خۇن پۇلى تۆلەم بېرىلدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارى گوڭ خۇيۋېن، قازاغا ئۇچرىغان ھەر بىر ئىشچىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى 200 مىڭ يۈئەندىن تۆلەم پۇلى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەقەدە يارىلانغان 24 ئىشچىنىڭ داۋالىنىش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنغان.

8 - نويابىر كۈنى گۇچۇڭدىكى بېيتاشەن كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى، كۆمۈر كاندىكى بىر ئامبارغا دۆۋلەپ قويۇلغان پارتلاتقۇچ دورىنىڭ پارتلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. ۋەقەدە 11 ئىشچى ئۆلگەن، 24 كىشى يارىلانغان، 3 ئادەم ئىز دېرەكسىز يوقالغان. مەزكۇر كان گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىنىڭ 206 كىلومېتىر شىمالىغا، ئۈرۈمچىنىڭ 400 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ.

گۇچۇڭدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 4 - قېتىملىق كۆمۈر كان قازاسى بولۇپ، بۇ ۋەقەلەردە ئۆلگەن ئادەم سانى 100 دىن ئاشىدۇ. ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىدى. (ئەركىن)