ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈز بەردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىچۈەن شەھىرىدىكى بىر كۈمۈر كېنىدا سەيشەنبە كۈنى سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 نەپەر كان ئىشچىسى قۇدۇق ئاستىدا قامىلىپ قالدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرىنىڭ ئۆلۈك - تىرىكلىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەسكەن. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل كىرگەندىن بېرى يۈز بەرگەن تۇنجى كۆمۈر كان ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى رايون بويىچە شىخۇ، باي، گۇچىڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن كۆمۈر كان ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كان ئاستىغا چۈشۈپ، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا. بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق سودا - ئىقتىساد كومىتېتى ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى 120 دىن ئارتۇق كىچىك تىپتىكى كانلارنىڭ قايتا كۆمۈر قېزىشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇ كانلارنىڭ كۆپچىلىكى بىخەتەرلىك سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن كۆمۈر قېزىشى توختۇتۇلغان كانلار ئىدى.

خىتاي دۆلەتلىك كۆمۈر كانلار بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى خىتاي بويىچە 4000 دىن ئارتۇق كۆمۈر كاننىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. " تەڭرىتاغ تورى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ قارارنى يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چىقارغان. (ئەركىن)