خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قابا دەرياسىدا خەلقئارا دەرىجىلىك چوڭ ئالتۇن كان بايقىدى


2006-07-05
Share

خىتاي يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىدىكى قابا دەرياسىدا خەلقئارا دەرىجىلىك بىر چوڭ ئالتون كان بايقىغان. شۇنداقلا بۇ يەردە ئالتۇن زاپىسىدىن باشقا يەنە، كۆمۈش ۋە مىس زاپىسىمۇ مول ئىكەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ قابا ناھىيىسى پارتكوم سېكرىتارى ليۇ بىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، بۇ رايوندا بايقالغان ئالتۇن كاندىكى ئالتۇن زاپاس مىقدارى 100 توننىدىن، كۆمۈشنىڭ زاپاس مىقدارى 1000 توننىدىن ئاشىدىكەن ھەمدە مىس زاپاس مىقدارى بولسا، 360 توننىغا يېتىكەن.

پارتكوم سېكرىتارى ليۇ بىن ئاگېنتلىققا يەنە، ئۇيغۇر ئېلى كان بايلىقلىرىنىڭ ئىنتايىن موللىقىنى بولۇپمۇ قابا دەرياسىدىكى كان قېزىش ئىشلىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ نۇرغۇن چوڭ كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل كان بايلىقلىرىنى قېزىش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا. خىتاي دائىرىلىرى يېڭىدىن بايقالغان بۇ كان بايلىقىنىمۇ 3-4 يىلنىڭ ئىچىدە يىلىغا 10 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

بۇنىڭغا نارازىلىق پوزىتسىيىسى تۇتىدىغان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئېچىش خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىت قوغداش بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىنمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ بايلىقلاردىن ھېچقانداق مەنپەئەتلەنمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت