فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 كە يەتتى
2006.09.06
ئۆتكەن ھەپتە فۇكاڭ شەھىرىنىڭ جىنلوڭ كۆمۈر كانىدا يۈز بەرگەن گاز چىقىش ۋەقەسىدە زەھەرلەنگەن يەنە بىر ئىشچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 كە يەتتى.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋەقەدە كان قۇدۇغىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشچى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىدىن بولۇپ 8 كىشى زەھەرلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى گو شىيەن ئىسىملىك بىر ئىشچى زەھەرلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن يېقىندا دوختۇرخانىدا قازا قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 3 كىشىنىڭ ئەھۋالىمۇ ھازىر خەتەرلىك باسقۇچتا ئىكەن.
ھازىرغىچە بۇ ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ئايرىم ھالدا 200 مىڭ يۈەندىن تۆلەمگە ئېرىشكەن. بۇ ۋەقە 1-سېتەبىر كۈنى يەرلىك ۋاقىت كەچ سائەت 11:30 لاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، كان قۇدۇقىدا تۇيۇقسىز كۆمتۈرۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا زەھەرلىك گاز كان ئاستىنى قاپلاپ كەتكەن. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار گەرچە قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن زەھەرلىك گاز مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك، 2 كىشى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن قالغانلىرى بولسا، ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەنگەن.
جىنلوڭ كۆمۈرلۈكى ئەمدىلا يېڭى قۇرۇلغان بىر كۆمۈرلۈك بولۇپ، تېخى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشمۇ ئېلىپ بارمىغان. كان ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بۇ ئىشچىلار بولسا پەقەت قۇدۇق يوللىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىدە 2 كىشى قازا قىلدى
- فۇكاڭدا 13 ئادەم كۆمۈر كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن ئۆلدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قابا دەرياسىدا خەلقئارا دەرىجىلىك چوڭ ئالتۇن كان بايقىدى
- شەندۇڭ گىئولوگىيىلىك ئۆلچەش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر چوڭ كۆمۈرلۈك تاپتى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كان ۋەقەسى يۈز بەردى