ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈركان ۋەقەسى يۈز بەردى


2007.05.16

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن كۆمۈركان ۋەقەسىدە 4 ئادەم ئۆلگەن ، 5 ئادەم ئېغىر يارىلانغان ۋە 3 ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15 ماي چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتلەر ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئېلى بۈگۈر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى باۋ شەن ( گۆھەر تاغ) كۆمۈركانىنىڭ ئىشچىلىرى كان ئىچىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش جەريانىدا كان بېتى تېشىلىپ كاندىن زەھەرلىك گاز چىقىپ كەتكەچكە، گازدا كۆمۈركان ئىشچىلىرى زەھەرلەنگەن ۋە بىرنەچچە كان ئىشچىسى ئۆلۈپ كەتكەن.

كۆمۈركان ئىچىدىكى گاز بەك قويۇق بولغاچقا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىرىشكە ئامالسىز قالغان. بۈگۈر ناھىيىدىكى مەزكۇر كان شەخسى ئېچىۋالغان كان بولۇپ، ھازىر ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

خىتايدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان كان ۋەقەلىرىگە قارىتا، خىتاي دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسى، كۆمۈركان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار كۆمۈركان بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمە تارقاتقان ئىدى. بۇ بەلگىلىمىدە ھەرقانداق جايدا قانۇنسىز كۆمۈركان ئېچى چەكلەنگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.