ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخۇ شەھرىدىكى جۇڭشىن كۆمۈر كېنىدا پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان 16 ئىشچى قامىلىپ قالدى.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يۈرۈپ كەتكەن. ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە كان ئاستىدا قامىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات- ماماتلىقى ھەققىدە تېخى مەلۇمات يوق.
خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە كانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئىنتايىن ناچار ھىسابلىنىدۇ. تەنقىدچىلەر، ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ پايدا ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ ئارىدا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىدىكى شىنلۇڭ كېنىدا بۇ يىل 7 - ئايدا يۈز بەرگەن ئالاھىدە چوڭ كان ۋەقەسىگە چېتىشلىق 7 كىشىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە مەسئول مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بۇ قېتىمقى ۋەقەگە چېتىشلىق چىققان. ئۇ مەزكۇر كۆمۈر كانىدىن پارا يىگەن ھەمدە باشقىلارنىڭ نامى بىلەن كاننىڭ كۆمۈر توشۇش تىجارىتىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنلەر ئىچىدە مەزكۇر كاننىڭ خوجايىنى، باشقۇرۇچىسى، تېخنىكا خادىملىرى بار ئىكەن. شىنلوڭ كۆمۈر كانىدا 11 - ئىيول يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە 83 ئادەم ئۆلۈپ، تۆت ئادەم يارىلانغان. (ئارزۇ)