ئۇ ئا ر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كانغا مەبلەغ سالغانلار ئىچىدە رەھبىرى كادىرلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى
2005.10.27
ئۇيغۇر ئاپتونۇم ئورۇنلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدە كانلارغا مەبلەغ سالغانلارنىڭ ئىچىدە نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.
ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 18 - ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدە، كۆمۈر كانلارغا مەبلەغ سالغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن 62 سىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ 62 ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كانلاردىن قايتۇرۇۋالغان مەبلىغى ئىككى مىليون يەتتە يۈز مىڭ يۈئەنگە يېقىنلىشىدىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا ئەۋج ئالغان " ئەمەلدارلار ۋە كۆمۈر كانلار تىل بىرىكتۈرۈش" ئەھۋاللىرىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، كۆمۈر كانغا مەبلەغ سالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى 22 - سىنتەبىرگىچە پايچېكىنى سېتىۋېتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ تاشلىنىشقا رازىكى، پاي چېكىنى سېتىۋېتىشقا رازى ئەمەسلىكى خەۋەر قىلىنغان.
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ ئىلگىرى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 7 - ئايدا 83 ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى كېلىپ چىققان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىدىكى شىنلوڭ كۆمۈر كېنىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغان ئەمەلدارلارنىڭ سانى 187 گە يەتكەن.
ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلماقتا ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كۆمۈر كانلاردىن مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر رايونى پارتكوم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كانلاردىكى پايلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلىرىغا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇددىتىنى كېچىكتۈردى
- دائىرىلەر باي ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم كۆمۈر كانلىرىنى تاقىدى
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 194 كۆمۈر كاننى تاقاپ تەرتىپكە سالماقچى
- باي ناھىيىسىدە كان ئاستىدا قالغان 14 نەپەر كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان