فۇكاڭ كۆمۈر كانىدا قازا قىلغان ئادەم سانى 65 يەتكەن
2005.07.11
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدىكى شېڭلوڭ كۆمۈر كانىدا دۈشەنبە كۈنى گاز پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر 65 ئادەم قازا تاپقان، 18 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان، 4 ئادەم قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كاندا گاز پارتلاش ھادىسىسىنىڭ 11 - ئىيۇل كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى تاڭ سەھەر 2 يېرىمدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، گاز پارتلىغاندا 87 ئادەم كان قۇدۇقى ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، پارتلاشتىن كېيىن ئاران 4 ئادەم قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان.
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ كۆمۈر كانچىلىق كەسپى، دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك ساھەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ، 2005 - يىلى 1 - ئايدىن ھازىرغا قەدەر 1000 دىن ئارتۇق كان ئىشچىسى كان ئاستىدا قازا قىلغان. (قانات)
©
2005 Radio Free Asia