ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدىكى شېنلوڭ كۆمۈركېنىدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 83 كە يەتتى. ۋەقەدە كان ئاستىدىكى 87 نەپەر ئىشچىنىڭ ئاران 4 نەپىرى قۇتۇلغان. قۇتقۇزۇش خادىملىرى چارشەنبە كۈنى كان ئاستىدىن ئىككى ئىشچىنى ئېلىپ چىققان.
ۋەقە دۈشەنبە كۈنى سەھەردە يۈز بەرگەن ئىدى. دائىرىلەر ۋەقەنى ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋەقەسى، دەپ ئاتىدى. دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى يىجوڭنىڭ تەكىتلىشىچە، فۇكاڭدىكى شېنلوڭ كۆمۈركېنىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش گۇۋاھنامىسى ئالمىغان. لى يىجوڭ، كۆمۈركان دائىرىلىرىنى قانۇن - تۈزۈمگە خىلاپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، قالايمىقان باشقۇرۇش، كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن كۆپ كۆمۈر قېزىش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىپلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا كان ئاستىدىكى كۆمۈر گېزىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى نورمال ئۆلچەمدىن 6 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. خىتاي دۆلەت كابىنتى فۇكاڭدىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرغان بولۇپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقەنى " ساقلانغىلى بولىدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋەقەسى،" دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)