ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانجى شەھىرىدىكى خۇڭدىڭ كۆمۈر كانىدا، خاڭنىڭ تورۇس تاختىيى غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى ئىشچى ئۆلدى.
"شىنجاڭ ئىقتىساد" گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە ئۆتكەن جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە بىر ئىشچى بەختىگە يارىشا قېچىپ قۇتۇلالىغان. ئىككى ئىشچىنىڭ جەسىتى شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تېپىلغان.
ئەمما خەۋەردە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى كان ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇنلا، شىخۇ شەھىرىدىكى جۇڭشىن كۆمۈر كانىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كان ئاسىتىدا قامىلىپ قالغان 16 ئىشچى قازاغا يولۇققان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى كۆمۈر زاپىسى ئەڭ مول رايون. خىتايدىكى كۆمۈر كانلار دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك كۆمۈر كانلار بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك ئالتە مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەر خىل كان ۋەقەلىرىدە ئۆلىدۇ. (ئارزۇ)