گۇچۇڭدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازاغا ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى بېيتاشەن كۆمۈر كېنىدا سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سەھەردە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 11 ئادەم ئۆلدى، 3 ئادەم ئىز -دېرەكسىز يوقالدى.

بېيتاشەن كۆمۈر كېنى ناھىيە بازىرىنىڭ 206 كىلومېتىر شىمالىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە 14 ئادەم يارىلانغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئەتراپتا 31 ئادەم بارلىقىنى ۋە كاننىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سەھەر سائەت 30 :1 لەردە يۈز بەرگەن. بۇ ئارىدا سانجى ئوبلاستى ۋە گۇچۇڭ ناھىيىلىك ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق مەركىزى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئېلان قىلدى.

ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، پارتلاش ۋەقەسى كۆمۈر كاندىكى بىر ئۆيگە دۆۋلەپ قويۇلغان 500 كىلوگرام پارتلاتقۇچ دورىنىڭ پارتلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان. دائىرىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەدە ئىز- دېرەكسىز يوقالغانلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىككى ئايغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن 4 - قېتىملىق كۆمۈر كان ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى فۇكاڭدىكى شىنلوڭ كۆمۈركېنى، بايدىكى ياتار كۆمۈركېنى ۋە شىخۇدىكى كۆمۈر كانلاردا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي دۆلەتلىك كۆمۈر كان بىخەتەرلىك نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئىدارە بۇ يىل ئىچىدە مەملىكەت بويىچە ئاز دېگەندە 4000 كۆمۈركاننى بىخەتەرلىك سەۋەبلىرىدىن تاقاشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. (ئەركىن)