ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىچان ناھىيىسىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا پەيشەنبە كۈنى زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ھازىرغىچە 8 ئادەم ئۆلدى. بۇ تراگىدىيە خىتاينىڭ جانغا زامىن ۋە قالايمىقانچىلىققا تولغان كۆمۈرچىلىك سانائىتىگە بېرىلگەن يەنە بىر قېتىملىق زەربە بولدى.
خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانچىلار پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە كان ئاستىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېلىپ چىققان زەھەرلىك گازدا تۇنجۇقۇپ قالغان. ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن كان ئاستىدا سېنىك بىرىكمىلىرىنى پارچىلاش ئۈچۈن پارتلىتىش ئېلىپ بېرىلغان ۋە پارتلىتىشتىن 2 سائەت كېيىن كان ئاستىدىكى زەھەرلىك گاز تارقالماي تۇرۇپلا ئىشچىلار كان ئاستىغا چۈشۈرۈلگەن.
جۇڭگودا كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى قوغلۇشۇپ بىخەتەرلىككە سەل قاراش ۋەقەلىرى زور كۆلەمدىكى ئۆلۈم - يىتىم ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. خىتايدا كان ئىشچىلىرى كۆپىنچە يېزا - قىشلاقلاردىن كەلگەن تەجىرىبىسىز دىھقانلارنى ئاساس قىلغان. تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە كان ئاستىنى سۇ بېسىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دىگەندە 57 ئادەم ئۆلگەن ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، پىچاندىكى كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋام قىلماقتا. لېكىن ھازىرغىچە ۋەقەدە ئىز دېرەكسىز يوقالغانلار بايقالمىغان. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ بىر كۈن كېيىن جۈمە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت بويىچە كىچىك تىپتىكى 21000 كۆمۈر كاننىڭ 11000 ىنى قىسقارتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلى كىچىك تىپتىكى خەتەرلىك كۆمۈر كانلارنى تاقاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2005 ۋە 2006 - يىلنىڭ قىش پەسىلى يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى تاقىمىغان. (ئەركىن)