سانجىدا كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ يەتتە ئادەم ئۆلدى
2007.08.14
ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك گېزىتلىرىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، 11- ئاۋغۇست كۈنى سانجى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان پۇمىي كۆمۈر كانىدا گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ يەتتە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان.
خەۋەرگە قارىغاندا ۋەقە شەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن ئىككى ئەتراپىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولۇپ ، كان ئۈستى گۆمۈرۈلگەن جايدىن گاز ئېتىلىپ چىققان. بۇ چاغدا تېخى كان ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ئالتە نەپەر كان ئىشچىسى بېسىلىپ ئۆلگەن ، ئېغىر يارىلانغان يەنە بىرى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ ئەمما تېخى دوختۇرخانىغا يېتىپ بارماي تۇرۇپ جان ئۆزگەن.
سانجى ھۆكۈمەت تورىدىن ئىگىلىنىشىچە ھازىر بۇ كۆمۈر كان ئىشتىن توختۇتۇلۇپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ ، دائىرىلەر مەزكۇر كان گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىكەن.
سانجى كۆمۈر كان ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى مەزكۇر كۆمۈر كان ئۈرۈمچى شەھىرىگە 50 كىلومېتر ئۇزاقلىقتا بولۇپ 1994 - يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 2005 - يىلى بۇ كان شەنشىلىك ھۆددىگەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە ۋەقە يۈز بەرگەن بۇ كاننىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق بولۇپ ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەستىقلىشى بىلەن توقسان مىڭ توننىلىق مەھسۇلات بېرىدىغان كان قىلىپ كېڭەيتىلگەن ئىكەن.
خىتايدا قارا خۇمدان ۋەقەلىرىنىڭ ئارقا ئارقىدىن پاش بولۇشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئېلىدىنمۇ يېقىندىن بۇيان ئىشچىلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن، ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان قانۇنسىز كان ھەم خۇمدانلار بايقالماقتا. شۇنىڭدەك مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كان ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى پەۋقۇلئاددە كۆپ كۆرۈلمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- غەرب مەتبۇئاتلىرىدا 5- فېۋرال ئىلى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى
- بۈگۈر ناھىيىسىدە كان رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپەتتە 11 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈركان ۋەقەسى يۈز بەردى
- قارىماي ۋاقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلاندى
- ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە پويىز ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇر ئىش ئۈستىدىكى تۈرلۈك ۋەقەلەردە 3122 ئادەم ئۆلگەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھادىسىدە قازا قىلغان ئىشچىلارنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلىدى
- فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 كە يەتتى
- فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىدە 2 كىشى قازا قىلدى