غۇلجا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ھادىسىسىدە كان ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمىدى


2007.10.16

يېقىندا غۇلجا ناھىيىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا ھادىسە يۈز بېرىپ، كان قۇدۇقى ئاستىدىكى 3 نەپەر كان ئىشچىسى نەق مەيداندا ئۆلگەن.

خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خېيلوڭجاڭلىق بىر خىتاي سودىگەر مەبلەغ سېلىپ ئۆزگەرتكەن كان قۇدۇقى ئاستىدا قوغدىغۇچى تىرەك مۇئەسسەسى توشۇۋاتقان كان ماشىنىسى كان ئىچىگە 15 مېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەندە پولات ئارقان ئۈزۈلۈپ كېتىپ، ماشىنا ئۈستىدىكى 3 توننا ئېغىرلىقتىكى قوغدىغۇچى تىرەك مۇئەسسەسىلىرى سېرىلىپ چۈشۈپ، شەرقىي شىماللىق 3 نەپەر ئىشچى نەق مەيداندا قازا قىلغان.

گەرچە، مەزكۇر كاندا يۈز بەرگەن ھادىسە كان بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ھادىسە ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسە دەپ بېكىتىلىپ، خېيلوڭجاڭلىق سودىگەرگە ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئارتىلمىغان.

كان ئىگىسىنىڭ كۆپ پۇل خەجلەپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش چارىسىنى قوللانغانلىقىنى پەرەز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول كۆمۈر زاپىسى بۇنىڭدىن كېيىن پۇلدار خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ كۆمۈر كان ئېچىش بازىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنمىغان مەزكۇر كانلاردا تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭمۇ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.