ئۇيغۇرلار كانادادا يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ


2005.05.02

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 15 - مايدا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە يىغىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىننىڭ تېمىسى بىر قەدەر مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، مۇزاكىرە تېمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە سىياسى مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن. ئەگەر يىغىن مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزۈلسە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كانادادا تۇنجى قېتىم خەلقئارا يىغىن چاقىرىشى بولۇپ قالىدۇ. يىغىنغا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ساھىپخانلىق قىلىدىكەن.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا بېسىم ئىشلىتىشى ياكى بەزى ۋەكىللەرنىڭ يىغىنغا كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، يىغىننىڭ خەۋىرىنى ئەمدى ئېلان قىلغان. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد توختى، يىغىننى كانادادا چاقىرىشتىكى سەۋەپلەر ھەققىدە توختىلىپ،" ئەڭ مۇھىمى كانادا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كانادا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش" دەپ كۆرسەتكەن. كانادا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بار دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ۋەكىللەر ئالدى كانادا پايتەختى ئوتاۋاغا يىغىلىدىكەن شۇنداقلا بۇ يەردە كانادا پارلامېنتى ۋە فېدىرال ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسۋىئەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئۇچرۇشىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.