خىتاينىڭ بىرلەشمە كۆمۈر گاز مىتان چەكلىك شىركىتى بىلەن كانادانى بازا قىلغان تېررا ۋەست ئېنېرگىيە كوپىراتىپى، 2005 - يىلى 30 - دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى ليۇ خۇئاڭگۇدا كۆمۈر گاز مىتان بايلىقىنى ھەمكارلىشىپ ئېچىش تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى. ليۇ خۇاڭگۇنىڭ غەربىي ئۈرۈمچى دەرياسى، جەنۇبىي جۇڭغار ئويمانلىقىغا تۇتىشىدۇ.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەزكۇر تۈر بويىچە چەتئەللىكلەر بىلەن ئىمزالانغان تۇنجى كېلىشىم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شېرىك تەرەپلەر ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىنىڭ بازار تاپىدىغانلىقى شۇنداقلا بۇنىڭ تارىم - شاڭخەي گاز تۇرۇبىسى بىلەن پۈتۈنلىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە.
كېلىشىم بويىچە قىدىرىش باسقۇچىدا كېتىدىغان بارلىق چىقىمنى كانادا تەرەپ ئۈستىگە ئالغان. ليۇ خۇاڭگۇدا 34 مىليارد 600 مىليون كۇپ مېتىر كۆمۈر گازى ۋە مىتان زاپىسى بار بولۇپ، 654 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىگە تارقالغان. بۇ تۈرگە 6 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىشى مۇمكىن.
تېررا ۋەست ئېنېرگىيە كوپىراتىپى نورۋەست كوپىراتىپىنىڭ شۆبە شىركىتى بولۇپ، خىتايدا كۆمۈر گاز ۋە مېتان مەنبەلىرىنى ئېچىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېلىشىمنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ خىل ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ يەرلىكلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ۋە مۇھىتنى بۇلغايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. (ئەركىن)