كانادادىكى نامايىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

27 - ئاپرىل كۈنى كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى مەركىزىي مەيداندا، كانادا ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرى، دارفۇر ھەم تىبەت مەسىلىلىرىدە خىتاينى ئەيىبلىگۈچى گۇرۇھلار ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ھەم ئىنسان ھەقلىرىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان نارازىلىق نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.


ۋانكۇۋېردىكى پائالىيەتچى ئۆمەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتكە بىر قىسىم تىبەتلەرمۇ ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن ئۆزى ھەم ۋانكوۋېردا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

ئۇيغۇر نامايىشچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان.

ۋانكۇۋېر كانادا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق تارقالغان جايلىرىدىن بولۇپ، بۇ يەردە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىكەن.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org