تۇرپان كارىزلىرىنى رىمونت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدۇ
2005.06.03
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان رايونىدا يوقىلىش ئالدىدىكى قەدىمقى يەر ئاستى سۇغۇرۇش سىستېمىسى كارىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە رىمونت قىلىش قۇرۇلۇشىغا 11 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇرپان رايونىدىكى 440 كارىزنى رىمونت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە 3 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق كارىز جەمئىيىتى ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا كارىزلارنىڭ ھازىرقى سۈرئەت بىلەن ماڭسا كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. كارىز جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ھەر يىلى 23 كارىز قۇرۇپ كەتمەكتىكەن. تۇرپان رايونىدىكى كارىزنىڭ سانى 1950 - يىللاردا 1800 ئەتراپىدا بولۇپ، ئەمما ھازىر بۇ سان 600 گە چۈشۈپ قالغان.
مۇتەخەسسىسلەر، كارىزنىڭ قۇتۇپ كېتىشىگە يەر سۈيىنى قالايمىقان قېزىش، سۈنئىي نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھۆكۈمەتنىڭ پىلانىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، كارىزنى رىمونت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدىكەن.
تەنقىد قىلغۇچىلار، كارىزنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەر سۇ مەنبەئەسىنىڭ يىتىشمەيۋاتقانلىقىدا، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، سۈنئىي نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش، سۇغا بولغان ئىجھتىياجدىكى ئارتىشنى تېزگىنلەش شۇنداقلا يەر ئاستى سۇنى قالايمىقان ئېچىشنى توختىتىش، كارىزنىڭ قوغداپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇلىكەن. (ئەركىن)