كارىز خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسلار قاتارىدا قوغدىلىشقا كۆرسىتىلدى


2006.12.03

ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارىزلار يىلىغا يىگىرمىدىن ئازلىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغان ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئالاھىدە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بولغان كارىزلار ئۆتكەن ئايدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا مىراسلار ھەمدە جەمئىيەت تەرەققىياتى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىران تەرىپىدىن "قوغدىلىدىغان مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈش" كۆرسىتىلگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېيىنكى بىر قانچە يىلدا 150 ئەتراپىدا مەخسۇس قوغدىلىدىغان دېھقانچىلىق مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجراتقان.

مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ كارىز مىراسلىرى بۇ تۈرگە كىرگۈزۈلسە كارىزنىڭ ھازىرقىدەك سۈرئەتتە بۇزۇلۇپ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. گەرچە دۇنيادا 40 نەچچە دۆلەتتە كارىز قۇرۇلۇشى بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارىزلارنىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ھەمدە ھەجمىمۇ نىسبەتەن زور ھېسابلىنىدۇ.

كارىزلار ئىنسانلارنىڭ سۇ ئىنشائاتى دېھقانچىلىققا ئائىت تىرىك تەتقىقات مەنبەئىسى بولۇپ قالماي ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار ئەجدادلىرىنىڭ ئەۋلادلارغا، ئىنسانىيەتكە قالدۇرغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراس. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كارىزلىرى ئاساسەن تۇرپان، قۇمۇل تەۋەسىدە بولۇپ ئىلگىرى ئىككى مىڭغا يېقىن كارىز قۇدۇقلىرى بار بولغان. ئەپسۇس ئەللىك يىلدىن بېرى كارىزلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ھەمدە سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قېلىش ھەمدە ئېكولوگىيىلىك ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ ھازىر پەقەت بەش يۈزگە يېقىن كارىز ساقلىنىپ قالغان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.