ئىسمايىل تېلېۋالدى، نۇر بەكرىلەر خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن مەسلىھەت ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان


2007.03.21

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمايىل تېلىۋالدى، پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرىلەر 3 ‏- ئاينىڭ 16 ‏-كۈنى بېيجىڭدا، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا باشلىقى لۇ يوڭشاڭ بىلەن مەسلىھەت ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇ كېلىشىمنىڭ نامى "پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى" دەپ ئاتالغان. بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش -تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەردە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن مەسلىھەت ئېلىش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىش قىلىشتىن ئىبارەت. كېلىشىم بۇيىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش، تەجرىبىخانا قۇرۇش، نېفىت ، كان سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق ساھەلىرىدە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تېخنىكا پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەن بۇ كېلىشىمنى "شىنجاڭنى پەن -تېخنىكا بىلەن گۈللەندۈرۈش" كېلىشىمى دەپ ئاتىغان ۋە بۇ كېلىشىم ئاپتونوم رايونىنىڭ 11 ‏- بەش يىللىق پىلانىدىكى كۆرسەتكۈچلەرنى ئورۇنلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېگەن.

چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىسمايىل تېلىۋالدى بىلەن نۇر بەكرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى "ئۈچ خىل كۈچلەر" دېگەن بەدنام بىلەن باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرخەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى خىتايلاشتۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان ئەربابلار دەپ قاراپ كەلمەكتە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.