ئىلى ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى
2005.03.16
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى 6 ناھىيىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، يەرلىك ئاھالىلەرگە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەختكە يارىشا، ھازىرغىچە ئادەملەرنىڭ زەخمىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كەلكۈن ئاپىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ توختىماي ياققان قار ھەم يامغۇر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە، قىشتىن بۇيان يىغىلغان قارلارنىڭ ئېرىشى بىلەن ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى كۆنەس، قورغاس، نىلقا، توققۇزتارا، تېكەس ۋە چاپچال قاتارلىق ناھىيىلەر كەلكۈن ئاپىتىدە قالغان.
كەلكۈن ئاپىتى تەسىرىدە، بۇ يەردىكى ئاز دېگەندە 110 ئۆيگە سۇ كىرىپ، 33 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ھەمدە 100 دىن ئوشۇق كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. (پەرىدە)
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئىقسادىي زىيان 20 مىليون يۇئەنگە يەتتى
- ئىلىدا 100 مىڭ كىشى ھۆل يېغىن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى
- ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 100 مىڭ كىشى سۇ ئاپىتىنىڭ زىيانكەشلىكىكە ئۇچرىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى دېھقانلارغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى جايلادا قار ئاپىتى يۈز بەردى