كەلكۈن ئاپىتىدە تەخمىنەن 27 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن


2005.03.23

ئىلى ئوبلاستىدا 11 - مارتتىن باشلاپ يۈز بەرگەن قار ئېرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغىچە بىر كىشى قازا قىلغان، 5 مىڭغا يېقىن مال ۋاران ئۆلگەن ھەمدە تەخمىنەن 27 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئاپەت سەۋەبىدىن يەنە 3 مىڭدىن ئوشۇق كىشى باشقا رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.

ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى بۇ رايونلاردا كۆپ قېتىم قار ياغقان بولۇپ، ئەتىيازدا ھاۋانىڭ ئىسسىشى بىلەن بۇ قېلىن قارلار ئېرىشكە باشلىغان. بۇ ئەھۋال مەزكۈر رايونلاردا كەلكۈن كېلىش، تاغ سېرىلىش ۋە قۇم-شېغىللارنىڭ ئېقىشىغا ئوخشاش تەبىي ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاساسلىق رايونلار بولسا، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى كۆنەس، قورغاس، نىلقا، توققۇزتارا، تېكەس ۋە چاپچال ناھىيىسى قاتارلىقلار ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.