خوتەندە كەلكۈن ئاپىتىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىكى11 ئادەم قازا قىلدى

خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسى يۇرۇڭقاش بازىرىدىن يولغا چىققان نىڭتۇڭ ماركىلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى شەنبە كۈنى يۇرۇڭقاش دەريا ۋادىسىدا كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى. كەلكۈننىڭ تەسىرىدە ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 11 ئادەم ئۆلدى ۋە 3 ئادەم ئىز- دېرەكسىز يوقالدى.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتوبۇستىكى قالغان 16 كىشى قۇتقۇزىۋېلىنغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى قازاغا يولۇققانلارنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلمىدى.

يېقىندا خوتەن تەۋەلىكىدە ئۇدا يامغۇر ياققانلىقتىن، كەلكۈن كېلىپ لوپ ناھىيىسىدىكى نۇرغۇن يوللار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. قازاغا يۇلۇققان مەزكۇر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى سۇ بېسىپ كەتكەن يولدا پېتىپ قالغان، بىر قىسىم يولۇچىلار ئاپتۇبۇستىن چۈشىۋاتقىنىدا، كەلكۈن ئاپتۇبۇسنى ئۆرۈپ يۇرۇڭقاش دەرياسىغا ئېقىتىپ كەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يەنە ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆرپ بولۇپ، قەشقەر، ئاقسۇنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يەنە كەلكۈن كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)