سۈيدۇڭدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 4 كىشى قازا قىلدى


2005.06.15

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى سۈيدۇڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى چارشەنبە كۈنى 4 كە يەتكەن ھەمدە 4 كىشى يارىلانغان ۋە 1 ئىنىڭ ئىز دېرىكى تېپىلمىغان.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 13 - ئىيۇن كۈنى ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن سۈيدۇڭ ناھىيىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى كەلكۈن ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر رايوندىكى 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كەلكۈن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە يەنە، 300 دىن ئوشۇق ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ھەمدە توك ۋە سۇ ئېلىكتىر ئىستانسسىلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. شۇنداقلا نۇرغۇن قاتناش يوللىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان. نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىلنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغىچە 20 كىشى قازا قىلغان ھەمدە بۇ سەۋەبتىن 100 مىليوندىن ئوشۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.