ئالتۇنتاغدىكى قاتتىق يامغۇر ئاپىتىدە لوپنۇر كۆلىگە كەلكۈن كەلدى


2005.07.11

خىتاي مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدا ئۈزۈلمەي ياققان قاتتىق يامغۇر چاقىلىق ۋە ۋاششەرى دەريالىرىدا كەلكۈن ئاپىتىنى پەيدا قىلغان. كەلكۈن سۈيى ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىدىكى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلۇشقا باشلىغان.

شۇ جايدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئاپتونۇم رايونلۇق دالا ئاپتوموبىل پائالىيىتى جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى چىن جۇڭلياڭ مۇخبىرغا تېلېفوندا بەرگەن مەلۇماتىدا "لوپنۇر كۆلىنىڭ مەركىزى قىسمى سۇغا تولدى. ئەتراپتىن كەلكۈن سۇلار ئېقىپ كەلمەكتە. بۇ مېنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم لوپنۇردا سۇ كۆرۈشۈم"، دېگەن.

2005 - يىللىق ئاپتوموبىل دالا مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى يول تەكشۈرگۈچى خادىملىرى 9 - ئىيۇل كۈنى، ئەينى چاغدا خىتاي ئارخېئولوگى پىڭ جيامۇ يوقاپ كەتكەن جايغا 12 كىلومېتىر قالغان يەرگە كەلگەندە كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە لوپنۇر بازىرىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كەلكۈننىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئىگىز بىر تۆپىلىكتە مۇداپىئەلەنگەن. ئۇلار بۇ يەردە ئىككى كۈندۈز، بىر كېچە قاپسىلىپ قالغان. كېيىن لوپنۇر بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، مىرەن بازىرى تەرەپكە ئىلگىرىلەپ خەتەردىن ساقلىنىپ قالغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىۋاتقان كەلكۈن سۈيى بۈگۈنگىچە تېخى توختىمىغان. (ئىلتەبىر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.