تۇرپان رايونى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى رادىئو تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6 - ئاۋغۇست كۈنى تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق يەتتە يېزا، ئىككى كەنت ۋە ئىككى مەيدانغا، قاتتىق يامغۇر نەتىجىسىدە كەلكۈن كېلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئامانلىقى ھەمدە مال - مۈلكىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ رايوندا 6 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ 26 سائەتتەك ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياققان. تۇرپان شەھىرى چاتقال يېزىسىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئۆيلىرى تاغدىن تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بەختكە يارىشا ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم - يېتىم ياكى ئېغىر يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈزۈم تەكلىرى، كېۋەزلىكلەر، ئېتىز- ئېرىق ھەمدە باغ ۋارانلار سۇ ئاستىدا قالغان.

خەۋەردە يەنە، كەلكۈن داۋامىدا 312 - نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولى شۇنىڭدەك ئېلېكتىر، سۇ، كۆۋرۈك قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.

ۋەقە يۈز بېرىپ 3 كۈندىن كېيىن يەنى 9 - ئاۋغۇست كۈنى سائەت 17 دىن ئاشقاندا مەزكۇر كەلكۈن ھەققىدە دەسلەپكى خەۋىرىنى بەرگەن شىنجاڭ خەۋەرلىرى تور بېتى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قۇماندانلىق شتابى قۇرۇپ قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. (ئىلتەبىر)