ئۇيغۇر ئېلىدىكى 187 مىڭ كىشى كەلكۈن تەسىرىگە ئۇچرىدى
2005.08.10
ئۇيغۇر ئېلىدا 6 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۇدا ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچى، سانجى ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلار كەلكۈن تەسىرىگە ئۇچراپ، 187 مىڭدىن كۆپ ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە قالغان.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كەلكۈندە ھازىرغىچە 4 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بايقالغان. لېكىن يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى تېخى ئېنىق ئەمەس. كەلكۈن سەۋەبىدىن يەنە، بۇ رايونلاردا 10 مىڭدىن ئوشۇق ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرلەر ۋەيران بولغان. شۇنداقلا ئۈرۈمچى، سانجى ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا قاتناش، سۇ ئىنشائاتى ھەمدە قاتناش يوللىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەربىي شىمالىدا بۇنداق زور كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ تۇرپان تەۋەلىكىدە بۇ، 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ھېسابلىنىدىكەن. (پەرىدە)