ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن ئاپىتى


2005-08-11
Share

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا بىر قانچە كۈندىن بېرى ياققان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن كېلىپ، ئاز دىگەندە 7 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى كەلكۈندە 3900 گېكتار تېرىلغۇ يەر ۋە 14300 دىن ئارتۇق ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، 230000 كىشى ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

كەلكۈن داۋامىدا شۇنىڭدەك، ئېلېكتىر، سۇ ۋە تېلېفون ئالاقە قاتارلىق ئەسلىھەلەرمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنىدىن بېرى ئۆزلۈكسىز ياققان يامغۇر ئۇيغۇر ئىلىدىكى دەريالاردىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا تەھدىت سالغىدەك دەرىجىدە ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خەلقنى، قۇتقۇزۇش پائالىيىتىگە قاتنىششىقا سەپەرۋەر قىلماقتا. ئۇيغۇر ئىلى مېتىرولوگىيە ئىدارىسى يامغۇرنىڭ شەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت