ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىكى رايونلاردا ئۈزلۈكسىز ياققان يامغۇر، كەلكۈن ۋە لاي لاتقىسىنىڭ كۆچۈشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، قۇرۇلۇش مەيدانى ۋە تاش يوللارنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول ئاچقان.
مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ 14 - ئاۋغۇست كۈنى تەيبېيدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا 11 - ئاۋغۇستتىن بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشقان يامغۇر كەلكۈنگە ئايلىنىپ، شىمالىي تەڭرى تاغ قۇرۇلۇش ئەترىتى ۋە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇش بۇيۇملىرى شۇنىڭدەك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى ئېقىتىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليون يۈئەندىن ئېشىپ كەتكەن.
نۆۋەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئىشچىسى كىچىك بىر قۇرۇقلۇققا قامىلىپ قالغان بولۇپ، ئىلى ۋىلايەتلىك يەرلىك ھۆكۈمەت، ئۇلارغا ئاشلىق ۋە كۆك - تات يەتكۈزۈپ بەرگەن. مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا يەنە 3 كۈندىن كېيىن، ئىشچىلار بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىقالايدىكەن. (ئەقىدە)