ئىلىدا كەلكۈن كېلىپ نەچچە مىڭ كىشىگە تەسىر كۆرسەتتى


2006.01.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىلى رايونىدا ياغقان قار سەۋەبىدىن ئىلى دەرياسى يۈزىدە قاتقان مۇزلار دەريا سۈيىنىڭ تېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ رايوندىكى 1400 دىن ئوشۇق ئاھالىگە تەسىر كۆرسەتتى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، كەلكۈن سەۋەبىدىن بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ 286 ئېغىزدىن ئوشۇق ئۆيىنى سۇ بېسىپ كەتكەن ھەتتا بۇ يەردىكى بىر مەكتەپ ۋە تىبابەتچىلىك ئورنىمۇ كەلكۈن تەسىرىگە ئۇچرىغان. نەتىجىدە 75 ئائىلىلىك پۈتۈنلەي ئۆيسىز قالغان.

ئىلى ۋادىسىدا 9‏-يانۋاردىن 11‏-يانۋارغىچە ئۇدا قار ياغقان بولۇپ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ تېمپراتورىنىڭ تېز تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن مۇزلار ئىلى دەرياسىنىڭ چاپچال ناھىيىسى ئەتراپىدىكى سۈيىنى تاشۇرىۋەتكەن. نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، مۇزلارنى پارچىلاش ئارقىلىق سۇنىڭ تېشىپ كېتىشىنى كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا.

لېكىن بۇ رايونلار ھازىر بەك سوغاق بولغاچقا، كەلكۈن تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە قىيىن بولغان ھەمدە كەلكۈن سەۋەبىدىن چارۋا-ماللارنىڭ يەم-خەشەكلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن ھەتتا بەزى توخۇ ۋە قويلار سوغاقتا توڭلاپ ئۆلگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.