ئاتۇشتا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى


2006.05.31

29‏- مايدىن بۇيان ئۇدا ياغقان يامغۇر سەۋەبلىك قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆيلەر ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋەيران بولدى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاساسلىق كەلكۈن مەركىزى ئاتۇش شەھىرى بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتىدىغان 100 مېتىرغا يېقىن تۆمۈر يول رېلىسلىرى كەلكۈندە ۋەيران بولغان. شۇنداقلا بىر قىسىم تاش يوللارنىمۇ كەلكۈن ئېلىپ كەتكەچكە، نۇرغۇن يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ۋە يۈك ماشىنىلىرى بۇ يەردە قامىلىپ قالغان.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىرىلىرى، كەلكۈن ئاپىتىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان جاي ئاتۇش شەھىرىنىڭ كاتتايلاق يېزىسى بولۇپ، بۇ يېزىدىكى 50% ئۆيلەرنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 500 مودىن كۆپ كېۋەزلىك ۋە قوغۇن چۈنەكلىرى ۋەيران بولغان.

بۇنىڭدىن 3-4 كۈن ئاۋال قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشى نەتىجىسىدە ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي شەھىرىگىمۇ كەلكۈن كېلىپ، قاتناش يوللىرىنى بۇزغان ھەمدە بۇ يەردىكى بىر قىسىم كۆۋرۈكلەرنىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران قىلغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.