ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ھۆل-يېغىن، كەلكۈن ھادىسىلىرى قاتناشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە


2007.07.18

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا، 7 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ھۆل-يېغىن ۋە كەلكۈن ھادىسىلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 18 ‏- ئىيول كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قۇمۇل رايونىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىن ۋە كەلكۈن سۈگەتبۇلاق ئەتراپىدىكى تۆمۈر يولنى بۇزۇۋەتكەن. ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە ۋە باشقا جايلارغا قاتنايدىغان پويىزلاردىكى 4600 دىن ئارتۇق يولۇچى قۇمۇلدا توختاپ قالغان. بەزى پويىزلار ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن.

شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، سانجىدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە بىر قىسىم زىرائەتلەر زەخمىلەنگەن، تورالغۇلار ئۆرۈلگەن. مورى ناھىيىسىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئۆلگەن، 4 ئادەم ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنىڭ تېگىدە قالغان. ئالتايدىكى قاناس كۆلىنى ساياھەت قىلىدىغان 200 دىن ئارتۇق يولوچى ئاپتوموبىلى ۋە 4000 ساياھەتچى يولدا توختاپ قالغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا رايى تارماقلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۆل-يېغىن ۋە كەلكۈن توغرىسىدا بۈگۈن چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ دەرىجىسى سېرىق دەرىجىگە ئۆرلىگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.