ئۇچتۇرپان كەلكۈن ئاپىتىدە قالدى
-
2007-08-21 -
-
-
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ -21 ئاۋغۇست تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا 20- ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە قارايدىغان ياركۆۋرۈك يېزىسىدا تۇيۇقسىز ياققان قارا يامغۇردىن كېيىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.
ھازىرغىچە مەلۇم بولۇشىچە 138 دېھقان ئائىلىسى ئاپەتتە قالغان ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 72 سىنىڭ ئۆيى ئۆرۈلگەن. ئەمما ئۆلۈم يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ ئېغىر ئاپەتتە قالغان دېھقانلار ھازىرچە يېزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە ۋاقىتلىق تىكىلگەن ئەللىك ئەتراپىدىكى چېدىرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان . شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قۇربان تۇرسۇن مۇخبىرغا ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتە قالغان دېھقانلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە پىلانلاپ يولغا قويىدىغانلىقىنى ، ھەر بىر ئائىلىگە 50 كۋادرات مېتىر ئۆلچەم بىلەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى سېلىپ بېرىدىغانلىقى مەزكۇر پىلاننى ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىغا قالماي ئەمەلىيلەشتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ياركۆۋرۈك ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ھەم ئاپەت تولا يۈز بېرىدىغان ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرى. ئىلگىرى يەرلىك دائىرىلەر بۇ جايدا بارلىق دېھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.(گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇ يىل ياز ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆل يېغىن ئاپىتى پەۋقۇلئاددە كۆپ كۆرۈلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردە 200 مىڭغا يېقىن ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ 38 ئادەم قازا قىلغان
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس تەۋەسىدە يەر تەۋرەپ 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى
- بۈگۈر ناھىيىسىدە كان رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپەتتە 11 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ھۆل-يېغىن، كەلكۈن ھادىسىلىرى قاتناشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە
- ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرىدى
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەبلەغ ئاجراتماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىش پەسلىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىللىقلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن دېرەك بەرمەكتە