ئالتايدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى، يەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى


2005.06.02

ئالتاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيىلەر كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى.

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، چارشەنبە كۈنىدىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئالتاينىڭ بۇرچىن ۋە قابا ناھىيىلىرى ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان. بۇرچىن ناھىيىسىگە قىيان كەلگەنلىكتىن، تاغلىق رايونلاردىكى 3000 دەك كىشى ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.

ئالتاي شەھەر ئىچىدىمۇ قاتناش ۋە ئۇچۇر- ئالاقە ئىشلىرى ۋاقتىنچە ئۈزۈلۈپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تولۇق بولمىغان سىتاتىستىكىلىرىغا قارىغاندا، كەلكۈندە ھازىرغىچە ئۆلۈم- يىتىم ۋەقەلىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، بىراق شەھەر ئىچىدىلا 300 دىن ئارتۇق ئۆي خەتەرلىك ئۆيگە ئايلىنىپ، مال-ۋارانلار ئېقىپ كەتكەن. بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان سەككىز مىليون يۈئەنگە يەتكەن. بىراق كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان بۇرچىن ۋە قابا ناھىيىلىرىدىكى زىيانلار ئىستاتىستىكا قىلىنماقتا ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، پەيشەنبە كۈنى ئالتاينىڭ تاغلىق رايونلىرىدا يامغۇر توختىماي يېغىۋاتقان بولۇپ، بۇ كەلكۈننى تېزگىنلەش ئىشلىرىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.