كەلپىندىكى ئىككى يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى تارالدى
2007.10.23
سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت خەۋەر تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىگە قاراشلىق ئىككى يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ( پاروتىت )تارقىلىپ ھازىرغا قەدەر جەمئىي 320 ئوقۇغۇچىدا ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەن.
قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى كېسەللىكى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە تەۋە جىددىي يۇقۇمچان كېسەللىك بولۇپ ئاساسەن 14 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈر بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.
نۆۋەتتە يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك سەھىيە تارماقلىرى، مەزكۇر يېزا مەكتەپلىرىدىكى كېسەللىك تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى( پاروتىت ) ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلغان. خەۋەردە كېسەللىكنىڭ يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى ئاساسەن كونترول قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر يېزىلاردا بالىلار ئارىسىدا قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى تارقىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەم كېسەللىك مىكروبىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە توختالمىغان.
ئادەتتە بۇ خىل تېز تارقىلىشچان نەپەس يولى كېسەللىك ياللۇغىنىڭ ۋاكسىنىلىرى دۆلەت تەرىپىدىن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، شۇنداقلا كېسەللىك مىكروبىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلارغا كىچىكىدىلا ۋاكسىنا قىلىنىشى شەرت. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە جىددىي ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان لېگونىللا ۋىرۇسى بايقالغان
- ئۈرۈمچى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى جەھەتتە ئۇيغۇر ئىلى بويىچە ئالدىنقى شەھەر بولۇپ قالدى
- ئۇيغۇر ئىلى كەلگۈسى 5 يىلدا ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىدىغان مەركەزلىك رايون بولۇپ قالامدۇ ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىك كۆپەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئېغىز، قول، پۇت ياللۇغلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
- يود ماددىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە كېسەللىك پەيدا قىلماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپىيىپ،يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئۆرلىمەكتە
- خىتايدا ھەر يىلى 10 مىڭ بالا دورا يەپ گاس بولۇپ قالىدۇ
- كۈيتۇندە بىر توننا ئەتراپىدا ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشى بايقالدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر كىشى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆلدى
- ئاقسۇدا بايقالغان ۋىرۇسنىڭ قۇش زۇكامى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى