قەشقەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتايغا يۆتكىگەن ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى كەمسىتتى

4 - ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرى "قەشقەردىن خىتاي ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشچىلارنىڭ يېتەكچى كادىرلىرى" يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا قەشقەرنىڭ 8 ناھىيىسىنى ئاساس قىلىپ سىرتلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا جەمى 560 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكى توغرۇلۇق دوكلات بېرىلگەن. ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشچىلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتكەن بىر قىسىم كادىرلارنى مۇكاپاتلىغان.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى جوۋلى، "قەشقەردىكى ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش بىر ئۇلۇغ ۋەزىپە، بىز ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئازغىنە تېرىلغۇ يېرىدىن ئازات قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار قەشقەردىن، شىنجاڭدىن سىرتلارغا يۈزلىنىشى، نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ مىللىي ئېڭى بىلەن ئىدىيىۋى ئىنقىلاپ قىلىپ، كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك " دېگەن.

يىغىندا خىتاي كادىرلار يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەت ھەم تۇرمۇش ۋە ئىدىيىسىدىكى ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ "ئۇيغۇر ئىشچىلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە باشتا كەلگەندە تازىلىققا دىققەت قىلمايتتى، يۇيۇنۇشنىمۇ ياخشى كۆرمەيتتى، كادىرلار ئۇلارغا كۈندە خىزمەت ئىشلەپ ئۇزۇنغا بارماي ئۇلار يامان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتتى" دېگەندەك كەمسىتىش سۆزلىرىنى قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇشنى، نەزەر دائىرىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەرزان ئەمگەك ھەققى بىلەن مەجبۇرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياللانما ئىشچىلىققا ئېلىپ كېتىلگەن قىزلارنىڭ بارغان جايلاردا روھىي ئىقتىسادى ھەمدە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئېغىر خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. (گۈلچېھرە)