كېرىيە ناھىيىسىدە ياش‏- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيىسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى كۈچەيتىلمەكتە


2006.02.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كېرىيە ئاممىۋى ئۇچۇر تور بېتى 23 ‏- يانۋار كۈنى، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىلغارلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە " ئالتە ياشتىن قىرىق ياشقىچە" بولغان كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي ئەھۋالى ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان‏- قاتناشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى فرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋە ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كېرىيە ناھىيىسىدە كۈچەيتىلگەن مەزكۈر ھەرىكەتنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كېرىيە ناھىيىسگە تىكلەپ قويغانلىق ۋەقەسى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

باياناتچى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كېرىيە ساقچى دائىرىلىرى، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش داۋامىدا، بايراق تىكلەش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ 6 كىشىنى قولغا ئالغان بولۇپ، يەرلىك خەلق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن بۇ ۋەقەنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتقان . بىز 22 ‏- فېۋرال كۈنى كېرىيە ساقچىلىرىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، بۇ ۋەقە ئۈستىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ باردۇق ، ساقچىلاردىن ئېنىق بىر جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن، كېرىيە ناھىيىسىدىكى بىر قانچە ئائىلىدىن بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بار ‏- يوقلىقىنى سورىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

23 ‏- فېۋرال كۈنى ، يەنە بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىنى خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ھەسسىلەپ چەكلەيدىغانلىقىنى، سىياسىي مەسىلىلەردە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ۋە ھەتتا ئۆلۈم ھۆكۈمىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى ۋەئۇلارنىڭ بايراقلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلەت بايرىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.