كېرىيە ناھىيىسىدە تۈنۈگۈن 4.3 بال يەر تەۋرىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، كېرىيە ناھىيىسىدە 5 ‏ - ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە 4.3 بال يەر تەۋرىگەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.05.21

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈنۈگۈن كېرىيىدە يەر تەۋرىگەندە ئادەم ۋە مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

بۇ خەۋەردە يەنە 'بۇ يىل 3 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى مۇشۇ ناھىيىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەندە كېلىپ چىققان زىياننىڭ قىممىتى ئىككى يۈز مىليون يۈەن بولغان ئىدى' دەپ ئەسكەرتىلگەن.

'خىتاي رادىئو تورى' نىڭ بۈگۈن خوتەندىن خەۋەر قىلىشىچە، كېرىيە ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ياڭ شۇيىڭ 'سىچۇئەندە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، كېرىيە ناھىيىسىدە بۈگۈنگە قەدەر خەلق ئاممىسىدىن توپلىنىپ بولغان ئىئانە 450 مىڭ يۈەن، ھازىر يەنە داۋاملىق ئىئانە توپلانماقتا' دېگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.