ئىلى ۋىلايىتىنىڭ چارۋا- ماللىرىدا جىددىي خاراكتېرلىك غەيرى تىپتىكى كېسەل تارالماقتا
2004.10.19
ئىلىنىڭ شىمالىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا چارۋا - ماللاردا غەيرى يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغانغا بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ئەھۋال ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىغان .
ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىلى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا چارۋا - ماللاردا بىر خىل غەيرى كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ھادىسى يۈز بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى پەقەت، بۇ خىل كېسەل بىلەن ئۆلگەن چارۋىلارنى كۆيدۈرۋىتىش ۋە كۆمۈۋىتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھادىسىنى مەتبۇئاتلارغا ۋە ئاممىغا ئاشكارلاشتىن ئۆزىنى تارتقان.
بۇ خىل ئاقىۋەتتىن ئەندىشە قىلغان مەلۇم بىر كىشى، ئىستانسىمىزغا تېلفۇن ئۇرۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتە قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)
©
2004 Radio Free Asia